East Turkistan Australian Association
East Turkistan Australian Association (ETAA) was established in 1992 to cater for the expanding East
July 5th 2024- Adelaide
https://youtu.be/AyRBeUTLw50?si=SkIhphaTtn4q70m6
ئىستىقلال كۈندىلىك خەۋەرلىرى |2024.6.17| خىتاي باش مىنىستىرى ئاۋسترالىيەدە نامايىشقا دۇچ كەلدى ئىستىقلال كۈندىلىك خەۋەرلىرى |2024.6.17| خىتاي باش مىنىستىرى ئاۋسترالىيەدە نامايىشقا دۇچ كەلدىİstiqlal kündilik xewerliri |2024.6.17| xitay bash ministiri aw...
Press Release by the East Turkistan Australian
Date: June 15, 2024
For Immediate Release
East Turkistan Australian Association Calls for Action During Chinese Premier Li Qiang's Visit to Australia
The East Turkistan Australian Association (ETAA) urges the Australian government to prioritise human rights during the visit of Chinese Premier Li Qiang to Australia. This visit is the first by a Chinese Premier in seven years. As Chinese Premier Li Qiang arrives on June 15, 2024, we call on Prime Minister Anthony Albanese and the Australian government to address the ongoing genocide and human rights violations against Uyghurs in East Turkistan.
The genocide, which has been ongoing since at least 2016, includes heinous practices such as mass internment, forced sterilisation, forced labour and slavery in concentration camps. Despite widespread international condemnation, China continues to wage genocide and crimes against humanity in East Turkistan under the guise of counter-terrorism. We also demand the Australian government and Australian Parliament recognise China’s ongoing atrocities in East Turkistan as Genocide against Uyghurs and Crimes against humanity.
This visit provides a crucial opportunity for Australia to take a firm stance on human rights and advocate for justice and freedom for the Uyghurs, Tibetans, Hongkongers and others.
ETAA President, Adam Turan, stated, "Australia uses this diplomatic engagement to hold China accountable for its atrocities in East Turkistan. Australia should uphold its values: human rights over profits, prioritise people before trade, and humanity before business. Uyghurs' long-suffering should end"
We call on all Australians to support the Uyghur community and to pressure their leaders to address these critical human rights issues. Let us not allow economic interests to overshadow the fundamental rights and freedoms of oppressed people.
For more information, please contact:
Adam Turan
President of East Turkistan Australian Association
Mobile: 0411 857 847
شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيتىنىڭ نامايىش چاقىرقى
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتمايمىز
خىتتاي تاجاۋۇزچىللىرى، 1949- يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 75 يىلدىن بۇيان، ۋەتىنىمىزدە قىرغىنچىلىقنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. 2009- يىلى ئۈرمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل قەتلىئامى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى.
شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيتى، بۇ كۈننى ئەسلەش ۋە ئەسلىتىش، شۇنداقلا خىتتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا بولغان تەۋرەنمەس قارشىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئورۇنلاشتۇردۇق.
بارلىق خەلقىمىزنى بۇ نامايىشقا تەكلىپ قىلىمىز.
تارىخ: 5- ئىيۇل (جۈمە)
ۋاقتى: سائەت 10 دىن 12 گىچە
يەر: جەنۇبىي ئاۋۇستۇرالىيە پارلامىنت بىناسى ئالدىدا
———————————————-
East Turkistan Australian Association calls the public to join
Public rally
Lest we forget!
July 5th 2009 Urumchi massacre China occupied East Turkistan in 1949, 75 years of occupation and colonisation must end now!
Freedom and independence for East Turkistan
5 july 2024 - Friday
10 am - 12 pm
parliament house
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلەيد شەھىرىدە ئۇيغۇر كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلدى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار مەخسۇس روزا ھېيتلىق پائالىيەت تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈ�
Essalamu eleykum dear all,
East Turkistan Australian Association is here at the Eid Festival in Adelaide again.
Come and visit us.
Adelaide EID Festival
Catch us at the Adelaide EID Festival this weekend!!!! Looking forward to seeing you all!!!!!
East Turkistan Australian Association is present at the Eid Festival in Adelaide, Australia.
We are displaying our cultural and traditional heritage.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار!
شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئيىتى ، ۋەتەن ئىچى ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ رامازان بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ.
🩵🤍🩵
In the spirit of unity and celebration, the East Turkistan Australian Association extends its warmest wishes to Uyghurs/East Turkistanis around the globe on the joyous occasion of Ramazan Bayram (Eid Al Fitr).
Happy Eid 🩵🤍🩵
بايانات
بارىن ئىنقىلابىنى ئۇنۇتمۇدۇق، ئۇنۇتمايمىز، ئۇنتۇلدۇرمايمىز !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار، بۇگۇن 5- ئاپرىل بارىن جىھادى ھەرىكىتىنىڭ 34- يىل خاتىرە كۈنى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىمىز، خىتتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان دەھشەتلىك ئېغىر زۇلمى، سىياسىي بېسىمى ، ئىرقىي كەمسىتىشى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى قوزغىلىپ، كۈرەشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جەڭگىۋار ئەجدادلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلىكلەر تىز پۈكمەيدىغان كۈرەشچان روھىنى نامايان قىلغان ئىدى.
بارىن جىھادى ھەركىتى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ فاشىستلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان شانلىق بىر ئىنقىلاب ئىدى. شۇندىن بۇيان بارىن ئىنقىلابى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلھام مەنبەسىگە ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنىڭ مەڭگۈ سۇنمايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان ئىنقىلاپتۇر. چۈنكى بۇ ئىنقىلاپ، بۇ ھەرىكەت، شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىىخىدىكى دەۋىر بۆلگۈچ ئنقىلاپتۇر.
بىز ھەر يىلى بۇ شانلىق ئىنقىلابىمىزنى ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇ - ئارمانى يولىدا ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان بارلىق شەھىدلىمىزنى ئەسلەيمىز. زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ئوغلانلىرىمىزغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي تاجاۋۇزچىللرى تەرىپىدىن بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغان مىڭلىغان ئاتا - ئانىلار ۋە نارەسىدە بالىلارغا جانابى ئاللاھتىن ئۇ دۇنيالىق رەھمەت تىلەيمىز. خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا ۋە جازا لاگىرلىرىدا ھېلىمۇ ناھەق ئەزىيەت چېكىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىىزغا ئەركىنلىك تىلەيمىز.
بۇ مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئىسسىق قانلىرنى پىدا قىلغان زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى پۈتۈن شەھىدلىمىزنى ئىپتىخار بىلەن ئەسلەيمىز، ئۇلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز، ئۇنتۇلدۇرمايمىز ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەش ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيتى
2024 - يىلى 5 - ئاپرىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار،
2024- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى (شەنبە)،ئاۋۇستۇرالىيەنىڭ ئادىلەيىد شەھرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيتى تەرپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىفتار پائالىيتىىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
جەمئىيتىمىز تەرپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئىفتارلىق داستىخانغا يۈزلەرچە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارئىشتىراك قىلدى. بۇ قېتىملىق قېرىنداشلىق ئفتارلىشىش پائالىيتى، شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيتىنىڭ رەئىسى مۇستافا تۇران ئەپەندىنىڭ جامائىتىمىزنى قارشى ئېلىش تەبرىك سۆزى بىلەن باشلاندى.
ئارقىدىنلا دىنى ئۇستازىمىز ئابدۇسالام ئالىمنىڭ دىنى سۆزلىرى بىلەن، پۈتۈن جامائىتىمىز بىرلىكتە كوللىكتپ ھالدا دۇئا قىلىپ ئفتار قىلدۇق.
بىزگە بۇ خاتىجەملىكنى نىسىپ قىلغان رەببمىزگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، مۇشۇ كۈنلەردە، توپلۇشۇپ ئىفتارلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، خاتىرجەم رامازان روزىسىنىمۇ تۇتالمايۋاتقان، ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىى تۈركىستاننىمۇ ئەسلىدۇق. ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن جامائىتىمىز بىرلىكتە دۇئا قىلدى.
بۇگۈنكى بۇ پائالىيتىمىز ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئادىلەيدتىكى سۈيۈملۈك ئانىلار، گۈزەل ھەمشەرەلەر، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن. بۇ مىللەتنىڭ، بۇ جامائەتنىڭ سىلەردەك ئىسىل ئانىللىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز. ئاللاھ رامىزاندا قىلغان بۇ ياخشىلىقلىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ھەسسىلەپ بەرسۇن.
23/02/2024
رامازان مۇبارەك !
شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيتى، مۇبارەك رامازان ئېيىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدۇ.
ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ئىچىدىكى ۋە مۇھاجىرەتتكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رامازان ئېيىنى قۇتلۇقلايدۇ.
بىز بۇ ئۇلۇغ ئايدا ۋەتىنىمىزدكى زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان، قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان مىللىتىمىزنى تېخىمۇ كۆپ ئەسلەيمىز ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز. جانابى ئاللاھ، مەزلۇم خەلقىمىزنى بۇ داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرسۇن، مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان دەۋلىتىمىزنى ئازات قىلىپ بەرسۇن ۋە بىزنىمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان، كۆرەش قىلالايدىغانلارنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن. ئامىن !
Happy Ramadan
As we welcome the blessed month of Ramadan, the East Turkistan Australian Association (ETAA) extends its heartfelt greetings to Uyghurs around the globe. The ETAA also remembers our oppressed brothers and sisters in East Turkistan. With hearts full of hope and resilient spirits, we raise our hands in dua, praying for their relief, freedom, and the dawn of a new era where East Turkistan will emerge free and independent. May this sacred month amplify our prayers, uniting us in a collective plea for justice, peace, and the end of suffering. Let us stand in solidarity, our faith unwavering, as we seek Allah's mercy. May our duas serve as a beacon of light for East Turkistan, guiding it towards liberation and independence. In this holy month, let our prayers resonate with renewed hope and determination, believing in the power of unity and the promise of a brighter future. Let's make this Ramadan our best Ramadan, inshallah.
ئاۋۇستۇرالىيەدە 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
بىرىنجسى- ئاۋۇستۇرالىيەنىڭ ئادەلەيتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، 2024- يىلى 4- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جەنۇبى ئاۋۇستۇرالىيە پارلامىنتى ئالدىدا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 1997- يىلى 5- فېۋرال كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بارغان تارىخى قىرغىنچىلىقىنىڭ 27 يىللىقى ۋە شۇنداقلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىشى ئۆتكۈزۈپ خىتايغا ئېتىراز بىلدۈردى.
نامايىشتا، شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇستافا تۇران، جەمئىيەت نامىدىن ئىنگىلىزچە بايانات ئېلان قىلدى.
نامايىشا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلۈمالار بىرلىگىدىن دىنى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىگىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى، شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇغۇفۇر مۆمىن قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلدى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا مەشرىپىنىڭ باشلامچىللىردىن بىرى بولغان، تىرىك شاھىتلىرىمىزدىن پولات ئابدۇللا مەزكۇر قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئاۋۇستۇرالىيەدە توغۇلغان ئۆسكەن ياشلارغا چۈشەنچە بەردى.
نامايىشقا قاتناشقان يۈزلەرچە شەرقىي تۈركىستانلىق جەڭگىۋار ۋەتەنپەرۋەرلەر جاراڭلىق ئاۋازلىرى بىلەن،«شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»،«قىرغىنچىلىقنى توختات!».... دېگەندەك شوئارلار بىلەن، پارلامىنت ئالدىنى زىلزىلىگە سالدى. ئاۋۇستۇرالىيەدە توغۇلۇپ ئۆسكەن ياش بالىلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى بىلەن نامايىشىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.
ئىككىنجسى- شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئوخشاش كۈندە، يەنى 4-فىۋرال كۈنى كەچتە غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا شەھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلىش، ئۇلارنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
Remembering the victims of the Ghulja massacre, Feb 5th 1997 and the ongoing persecution of the people of East Turkistan.
Some snaps from our national day event!!
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز مۇبارەك بولسۇن.
بۈگۈنكى پائالىيەت لىرمىزدىن بىر ئاز كۆرۈنۈشلەر.
يەنە بىر قىتىملىق مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئالغا !
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرلەش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار، شەرقىي تۈركىستان ئاۋېستىرالىيە جەمئىيتى، پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 12- نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەيدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ئاۋېستىرالىيە جەمئىيتى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى.
قەھرىمان، باتۇر، جەڭگىۋار ئەجداتلارىمىزنىڭ كۆرەش قىلىشى نەتىجىسىدە ، 1933 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 90 يىللىقى ۋە 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 79 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئويۇشتۇرغان بۇ ئالاھىدە پائالىيىتىمىزگە ھەممىڭلارنى تەكلىپ قىلىمىز. بۇ ئالاھىدە مۇراسىمغا ئائىلە بويچە كىلىپ قاتنىشىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
مۇشۇ كۈنى، يەنى 12- نويابىر كۈنى جەنۇبىي ئاۋۇستۇرالىيەدە شىتاتلىق “كۆپ-مەدەنىيەت فەستىۋالى” ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، جەمئىيىتىمىز قارمىقىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپىمىزدىن بىر گۇرۇپپا تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار ۋە پىداكار ئوقۇتقۇچىلار بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ ۋە پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
بۇ كۈن، بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن.
بۇ كۈن، بىز پەخىرلىنىدىغان كۈن.
بۇ كۈن، بىز دەۋلەت قۇرغان كۈن.
بۇ كۈن، بىز جۇمھۇرىيەت قۇرغان كۈن.
بۇ كۈن، بىز ئۇنۇتمايدىغان كۈن ۋە ئۇنتۇلدۇرمايدىغان كۈن.
بۇ كۈن قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزنىڭ دەۋلەت قۇرغىنىنى ئەسلەيدىغان ۋە كىلەچىگىمىزنىڭ ئۈمىدى بولغان قەھرىمان ئەۋلاتلىرىمىزغا دەۋلەت قۇرۇشنى ئەسلىتىدىغان كۈن.
بىز بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ بايرام تەنتەنىسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇر ئېلىشقا تەكلىپ قىلىمىز ۋە چاقىرمىز.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان ئاۋېستىرالىيە جەمئىيتى
تارىخ: 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى
ۋاقتى: 1 – 6 گىچە
ئورنى: سوندون باغچىسى
*شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتى نامايىش ئۇقتۇرۇشى*:
ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش
شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتى، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقغا ۋە شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز ئىشغال قىلىشىغا قارشى نامايش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ نامايشقا ئاۋۇستۇرالىيەدىكى بولۇپمۇ ئادىلەيدتكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىرىمىز. زالىمغا قارشى، ئىشغالىيەتكە قارشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئۇيغۇرلانى قوللايدىغان، ئادالەتنى ياقىلايدىغان، ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان بارلىق شەخىس ۋە ئورگانلارنىمۇ قارشى ئالىمىز.
ھەر يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى خىتتاي تاجاۋۇزچىللىرى ئۈچۈن بايرام بولسا، بىز ئۈچۈن ماتەم.
بۇ كۈندە خىتتاي تاجاۋۇزچىللىرى دەۋلەت بايرىمىنى تەنتەنە قىلسا، بىزخىتتايغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىمىزنى جاكارلايمىز.
ئەزىز ۋەتىنىمىزشەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇتمىغانلىقىمىزنى،ئۇنۇتمايدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنتۇلدۇرمايدىغانىقىمىزنى جاكارلايمىز. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۇيغۇر قالغۇچە كۆرەش قىلىدىغانلىقىمىزنى جاكارلايمىز.
شەرقىي تۈركىستان مېنىڭ ۋەتىنىم، مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى دەيدىغان بارلىق ۋەتەنسۆيەر، ئوت-يۈرەك قىز-يىگىتلەرنى بۇ نامايىشتا ساقلايمىز. 💙
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئاشۇ ۋەتىنىمىزدە ئىزىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان، قۇل ئورنىدا ئىشلتىلىۋاتقان بىچارە مىللىتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا نىسىپ قىلسۇن. شۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىتىشقا، شۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا، ئاشۇ چارەسىز مىللەتنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا نىسىپ قىلسۇن.
شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيەت ئاستىدا. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرمەكتە. خىتتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلماقتا.
مەجبۇرىي ئەمگەك (ھاشار) كە سېلىش ، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ، ئۇيغۇر مەدەنىيەتى، دىننى ۋەيران قىلىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوق قىلىش ۋە يەنە ساناپ تۈگەتكۈسىز جىنايى قىلمىشلار.
بۇ قېتىمقى نامايشنىڭ تىمسى دەل « ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش» تۇر.
**تارىخ: 2023- يىلى 29- سېنتەبىر (جۈمە)
ۋاقتى: ئەتىگەن سائەت 10:30 - 12:00 گىچە
ئورنى: پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا (ئادىلايد)**
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتى
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،
كۇۋىنسلاند ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى نىڭ تەبرىكنامىسىگە تەشەككۈر ئېيتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشى يولىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز.
- شەرقىي تۈركىستان ئاۋستىرالىيە جەمئىيىتى
ئاۋسترالىيەدىكى بوكس سەھنىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى جەۋلان قىلدى ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر ياش ئابدۇجېلىل مۇھەممەد 2-ئىيۇل ئەركىن مۇشتلاش تۈرىنىڭ 65 كىلوگراملىقلار بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ج
July 5th is an extremely disheartening day for all Uyghurs around the world as it marks the Urumqi massacre that took place 14 years ago in 2009! We call for all Uyghurs and anyone who supports the Uyghur cause to join us as we hold a public rally for this day and for all the injustices the Uyghurs in East Turkistan face by the Chinese Communist Party for the past 74 years!!!! Come out with Family and friends and show your support!
Click here to claim your Sponsored Listing.
Videos (show all)
Category
Website
Address
P. O Box 366
Adelaide, SA
5086
33 Fullarton Road
Adelaide, 5067
Playgroup SA has been supporting and leading the establishment of early childhood activities and playgroups in South Australia since 1974. Playgroups create opportunities for every...
151 South Terrace
Adelaide, 5000
Relationships Australia SA provides confidential support services for individuals, couples, families
3A Majors Road
Adelaide, 5158
Horse riding and related activities as therapy and active recreation for people with disabilities.
11A Croydon Street, Keswick
Adelaide, 5035
Bike SA wants to get more people involved in cycling in South Australia. Join us! bikesa.asn.au
Adelaide
Suburbaculture is all about sustainable living, being kind to the environment, animals and plants. Recognising the suburban culture as the largest and most diverse range of people,...
Adelaide, 5000
这是ADELAIDE妈妈群(QQ群号:108062119 ,微信公众号:adelaidemom)在FACEBOOK上的延?
87-89 Hutt Street
Adelaide, 5000
The Graham F Smith Peace Foundation gives an annual grant to artists or art organisations that nurture peace.
27/31 Queensborough Avenue, Hillcrest
Adelaide, 5086
North East Community House (N.E.C.H) offers an excellent range of activities and groups to the commun
Adelaide, 5000
At CDESSA our team of professionals work hard to improve the outcomes of the Multicultural Australian Muslim community. We deliver projects/services to our marginalised community, ...
239 The Parade Norwood South
Adelaide, 5082
Aim:To support migrants from the former republics of USSR to feel part of the Australian community.
Adelaide
Fishing club formed in 1994. First Elliston trip June long weekend 1996